ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەبىئىي بايلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى رائۇل م. گرىجالۋا (Raul Grijalva) باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىدىن قانۇنسىز دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەكشۈرۈشنى چىڭىتىشنى تەلەپ قىلغان.
«دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مەنبەسى» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى 2023-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتنى ئالاھىدە ئەسلەتكەن. شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىدىن تىزىمغا ئېلىنماستىن قانۇنسىز داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن بۇلغانغان بېلىقچىلىقنى توسۇش، بۇنداق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
«قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى تۆت يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى. شۇندىن كېيىن بۇ مەسىلە كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەر بۇ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بىكار قىلغان. ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بولسا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قارا تىزىملىككە قوشقان ئىدى.
دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارغا يازغان بۇ مەكتۇپتا يەنە تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئاساسەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى قانداق توختاتماقچى؟ سىلەر قانداق تەدبىرلەرنى قوللانماقچى؟»