«ئامېرىكا مودا ساھەسى بىرلەشمىسى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.01.15
«ئامېرىكا مودا ساھەسى بىرلەشمىسى» (USFIA) نىڭ پىرېزىدېنتى جۇلىيا خۇگىس خانىم يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مودا كىيىم-كېچەكلەر ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىنى بىكارغا كەتمىگەن، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
15-يانۋار ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ۋە رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا سودا ساھەسى، بولۇپمۇ مودا كىيىم-كېچەكلەر ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى قانۇنىي ئاساسلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھەرقايسى داڭلىق ماركا ساھىبلىرى ۋە توپ تارقىتىش شىركەتلىرىنىڭ ئۆز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇنىڭدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى تىلغا ئېلىپ، «بىز داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئەمگەك مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مودا كىيىم-كېچەكلەر ساھەسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىپ قالماسلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز» دېگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا «مۇپەتتىشلىك ۋە جاۋابكارلىق» بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دان بىشوپ (Dan Bishop) بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتايدا ئىشلىنىۋاتقان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جايدىكى پاختىغا چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنى بىردەك مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار، دەپ قاراش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مۇسادىرە قىلىۋاتقان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت «كىچىككىنە بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەر قاتارىدىكى «چەكلەش دائىرىسىنى باشقا 27 دۆلەتكە كېڭەيتىش»، «خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازا ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق تەدبىرلەر بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپ بىر قەدەم، دەپ قارالماقتا.