ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 28-ئاپرىل كۈنى بىلەت تاشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەن كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 3-دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېكىسپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويىدىكەن. جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت 28-ئاپرىل ئېلان قىلغان باياناتىدا، پالاتا ئەزاسى بىل پوزېي تەرىپىدىن سۇنۇلغان پارتىيەلەر ھالقىغان قانۇن لايىھەسى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا سودا قانۇنىنى بۇزۇشى، ئۇلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا قۇل ئەمگىكى ۋە بالىلار ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېننا كېننېدى تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، كۈنتاختا خام ئەشياسى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك پروگراممىسىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوتنىڭ ئېيتىشىچە، «دۆلەت مەجلىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى، خىتاي كۈنتاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى 3-دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا تاموژنا بېجىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشىنى توسۇيدىكەن، شۇنداقلا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇدىغان ھازىرقى مەۋجۇت قائىدە-تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رىك سكوتمۇ كېڭەش پالاتاسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «مەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ پوزېي يېتەكچىلىك قىلغان بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىدىن خۇرسەنمەن. ئەمدى <ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى> نىڭ قوللىشىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا ماقۇللىنىشىغا ئۈمىدۋارمەن» دېگەن.