ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىن (Janet Yellen) 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نېمىشقا رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، خىتايغا يۈرگۈزمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسى پۇل-مۇئامىلە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بلەيىن لۇتكېمېيىر (Blaine Luetkemeyer) ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىنغا سوئال قويۇپ: «ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروفقا جازا چەكلىمىسى قويدى، ئەمما شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن شى جىنپىڭغا نېمىشقا جازا بەرمەيدۇ؟» دېگەن؛ جېنىت يېلىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بارغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىدى. پۇتىننى جازالاپ، شى جىنپىڭنى جازالىماسلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە دائىر مەسىلە، شۇڭا بۇنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سوراش كېرەك» دېگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلىن بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەندە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا ئورنىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ دۆلەتلەرگە قانچە كۆپ ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزسە، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «دوللارسىز تىجارەت» بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.