ئامېرىكىنىڭ «ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى» يەنى GMC شاڭخەيدىكى باش شتابىنى سىنگاپورغا يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت باياناتىدا، شىركەتنىڭ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبى كورېيە قاتارلىق رايون ۋە ئەللەردىكى سودىسىنىڭ بۇندىن كېيىن سىنگاپوردىكى يېڭى باش شتابىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىنگاپور ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئاساسىي قۇرۇلمىسى، دۆلەتتىكى جىنايەت نىسبىتىنىڭ ئازلىقى ۋە خەلقئارا شىركەتلەرگە يارىتىپ بېرىۋاتقان قۇلايلىق شارائىتلىرى بىلەن نۇرغۇن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەنزىلىگە ئايلانغان. خىتاينىڭ ئەكسىچە سىنگاپوردا خەلقئارا شىركەتلەرگە قويۇلىدىغان باجمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.
مەزكۇر ساھەنىڭ ئانالىزچىلىرى بۇندىن كېيىن خەلقئارا شىركەتلەر خىتاينى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋالنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق شىركەتلەر بىرلىكى قاتارلىق ئورگانلىرى خىتاينى ئەركىن تىجارەتنى قامال قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە ئارتۇقچە رەسمىيەتلەرنى، سېلىقلارنى ئارتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىگە قاراشلىق شىركەتلەرنى قوللاش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان تىجارەت ئۇسۇلى قوللىنىپ، خەلقئارا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
