ئامېرىكىدىكى «تۆپىلىك» (THE Hill) گېزىتىنىڭ 19-مارت كۈنىدىكى ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، ۋال كوچىسىدىكى (ۋال-سىترىت) مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى بارغانسېرى خىتاينى مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان دۆلەت قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كومپارتىيەنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭلا ئاغزىغا قارايدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت دەۋرىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ قارارغا كەلگەن.
مەبلەغ سالغۇچىلار خىتاينىڭ پاي بازىرىنىڭ ساغلاملىقىغا، تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، خىتايدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن.
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چېن جىۋۇ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» گە مۇنداق دېگەن: «خىتايدا ھېچقانداق چوڭ شىركەت خوجايىنىغا كەڭچىلىك قىلىنمايدۇ. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ مۇتلەق ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، زامانىۋى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن سىغىشالمايدۇ. خىتايدىكى كوممۇنىزم بىلەن زامانىۋىلىق بىر-بىرىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەك» .
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي بازىرىدىن مەبلەغ چېكىندۈرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن. «بىلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتايدىكى مەبلىغىنىڭ پاي قىممىتى 2023-يىلىمۇ تۆۋەنلىگەن.
يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raymondo) ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتاينى مەبلەغ سالغىلى بولمايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە توختىماي جەرىمانە قويىدىغانلىقى، توساتتىن بېسىپ كىرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ شىركەتلەر پۇرسەت ئىزدەپ باشقا دۆلەتلەرگە، باشقا جايلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.