خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەربىي قوراللىرىغا ئائىت لايىھىلەرنى ئوغرىلىغانلىقىنى رەت قىلدى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكادا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئامېرىكا مۇداپىئە تەتقىقاتلىرى مۇنبىرىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ خىتاي خاككىرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم ھەربىي قوراللىرىنىڭ لايىھىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خاككىرلار قولغا چۈشۈرگەن بۇ لايىھىلەر ئامېرىكانىڭ ئاۋىئاماتكا ۋە ھەربىي پاراخوتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ لايىھىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەمما بۈگۈن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ ياڭشىڭ بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ «دوكلاتتا ھەم ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋپسىزلىك سىستېمىسى، ھەم خىتاي خەلقىنىڭ ئىجادچانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان » دېدى.

ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىغا قاراتقان تور جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتتىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە كالىفورنىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسىنىڭ، شۈبھىسىزكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.