ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەركىزىي ئاسىيادا زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.04.28

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى روبېرت بلېيك ئۆتكەن ھەپتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبېرت بلېيك ئاستانادا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە مەركىزىي ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بلېيك ئەپەندى 23 - ئاپرىلدىن 26 - ئاپرىلغىچە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان. ئۇ، 24 - ئاپرىل كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋاشىنگتون - تاشكەنت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

پەرغانە تورىنىڭ ئۆزبېكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلغان. كەرىموف ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم مۇناسىۋەت سۈپىتىدە راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندە كېيىن بىر قىسىم ھەربىي تېخنىكىلارنىڭ ئۆزبېكىستان ‘غا بېرىلىشى ھەققىدە سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغان.

«مەركىزىي ئاسىيا تورى» ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ تاشكەنتتە ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي ترانزىت مەركىزى توغرىسىدا قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان.

مەلۇمكى، تېخى يېقىندا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموف موسكۋانى زىيارەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.