ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش ھاۋلى (Josh Hawley) 5-فېۋرال كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مەككىنسى مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (McKinsey Consulting Firm) نىڭ بىر ياقتىن خىتاي كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىر ياقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملاشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تاراتقۇسى بۇ ھەقتە X دە ئېلان قىلغان ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش ھاۋلى مەككىنسى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 100 چوڭ شىركەتنىڭ ئىچىدە 22 كارخانىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي قاتناش قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ شىركەتنىڭ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈزگەن توختامدىن 8 مىليارد 500 مىڭ دوللاردىن كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش ھاۋلى مەككىنسى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى بوب ستەرنفېلس (Bob Sternfels) نى گۇۋاھلىققا تارتقاندا، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكاغا خىتاي ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى، خىتايدىن مىليونلاپ پۇل تېپىش بىلەن قالماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىنمۇ مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. جوش ھاۋلى مۇنداق دېگەن: «سىلەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدىن كۆپلەپ پۇل تاپىسىلەر، ئاندىن بىر دومىلاپلا بىزدىنمۇ نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈسىلەر. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ تازىمۇ قاملاشمىغانلىق! سىلەر خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق ھەر قانداق شىركەتكە مۇلازىمەت قىلماسلىقىڭلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىنمۇ پۇل ئالماسلىقىڭلار كېرەك. مەن سىلەرنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسىنى سۇندۇم!»