ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رەكس تېللىرسون بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى. ئۇ، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەتلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ تىنچ ۋە قۇتلۇق ئۆتۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. رەكس تېللىرسوننىڭ تەبرىك سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، روزا تۇتۇش ۋە رامىزانلىق باشقا ئىبادەتلەرنى قاتتىق چەكلىگەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان بۈگۈن كېچىدىن باشلاپ بىر ئايلىق رامىزان ئىبادىتىنى باشلايدۇ. تېللىرسون رامىزان ئېيىنىڭ ھارپا كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دىگەن: «رامىزان بىر ھۆرمەت، ئالىي جاناپلىق، ئۆز‏-ئۆزىنى قايتا چۈشىنىش ئېيىدۇر. ئەڭ مۇھىمى ئۇ، ئائىلە ۋە دوستلارنىڭ جەم بولۇپ، نامراتلارغا خەيرى -ئىھسان بېرىش ۋە باغرىغا بېسىش ئېيى. ئۇ ھەممىمىزگە ئۆز‏-ئارا ئىناقلىق، بىر-بىرىمىزگە تەبەسسۇم بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئورتاق قىممەت قارىشىمىزنى ئەسلىتىدۇ.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل 1‏-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇرۇش بولۇۋاتقان بەزى مۇسۇلمان دۆلەت كۆچمەنلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشى مۇنازىرە قوزغىغان.

پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىدىكى بەزى مەھكىمىلەر ئۇنىڭ بۇ قارارىنى بىكار قىلغان ئىدى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زوركەن. رەكس تېللىرسون، تەبرىكنامىسىنىڭ ئاخىرىدا، «بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاننى شاد-خورام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق» بىلدۈردى.