ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 10 يىللىق قاماق جازاسىنى توشقۇزغان قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق خەيرىنىسا مەمەتنى قايتىدىن 14 يىللىق كەسكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2014-يىلىدىكى باستۇرۇشتا قولغا ئېلىنىپ 10 قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە يېقىندا قاماق جازاسىنى توشقۇزغان خەيرىنىسا مەمەتنى 11-ئىيۇن كۈنى قايتىدىن 14 يىللىق كېسىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق كېسىلگەن خەيرىنىسا مەمەت، بۇ قېتىم بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال، يەنى 2014-يىلى «بالىلارغا دىنىي تەلىم بەرگەن» دېگەن سەۋەب بىلەن قايتا كېسىۋېتىلگەن.
11-ئىيۇن كۈنىدىكى يېپىق سوتتا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ زۇلقۇم كەنتىدىن خەيرىنىسا مەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنىڭ قايتا كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. باياناتتا، «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى ئىبراھىم خۇپېر، «بالىلارغا قۇرئان ئۆگىتىش ھېچبىر ۋاقىت جازالىنىدىغان بىر ئىش بولماسلىقى، بەلكى مەدھىيەلىنىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خورلىشىغا كۆز يۇمۇشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن.
ئىبراھىم خۇپېر باياناتتا يەنە 9-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ھەدىسچى ئىمام بۇخارىنىڭ بىر ھەدىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹سىلەردىن ئەڭ خەيرلىك كىشى قۇرئان ئۆگەنگەنلەر ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر» دېگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» بۇنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ناملىرىنى سىستېمىلىق ھالدا خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى «ئۆچۈرۈپ تاشلاش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەر ناملىرىدىن ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 6000 مىڭدىن ئارتۇق يەر نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ياكى قايتا بېكىتكەنلىكى، 630 يېزا-قىشلاقنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.