ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇمانى مەسخىرىگە كۆمۈلدى

يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى بولغان MSNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى كايل گرىففىن ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە يوللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر كەڭ ئامېرىكا جامائىتىنىڭ مەسخىرىسىگە كۆمۈپ تاشلاندى.

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» گېزىتىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇخبىر كايل گرىففىن 26-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارماسلىقنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ بۇ خەۋەرنىڭ بېشىغا «ياپونىيە ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەۋەتمەيدىغان بولدى. سەۋەبى ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىغا ئاۋاز قوشماقچى» دەپ يازغان.

ئۇنىڭ «ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان» دېگەن مەزمۇندىكى بۇ ئۇچۇرى شۇ ھامانلا تىۋىتتېر قوللانغۇچىلارنىڭ مەسخىرىسىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن. بەزىلەر ئۇنىڭغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى بولماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسا يەنە بەزىلەر «MSNBC تېلېۋىزىيەسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن تارقىتىدىغانلىقى ئۈچۈن كايل گرىففىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاپانچىلىق قىلغان» دەپ يازغان.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى گېيل خېلت بۇ ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرۇپ «سىز ئەڭ ياخشىسى ‹ئاتالمىش› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹ياخشى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن› ياكى ‹ھەممىگە مەلۇملۇق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئاقىلانىلىك بولار ئىدى. چۈنكى بۇ سۆزىڭىز لاگېرلاردىكى مىليونلارچە ئۇيغۇرنى، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىىنىڭ قولىدا جان ئۈزگەن سانسىزلىغان ئۇيغۇرنى ئىنكار قىلغانلىققا باراۋەر» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ھەمدە بەزى جازا چارىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئاخىرقى سوت ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بار كۈچى بىلەن بۇنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئەڭ كۆپ تەكرارلىغان بايانلارنىڭ بىرى «بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى توقۇپ چىققان يالغانچىلىق» دېگەن مەزمۇن بولغانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە بۇنىڭ ئامېرىكا مۇخبىرىنىڭ ئېغزىدىن چىقىشى ھەمدە بۇنىڭ مەسخىرىگە كۆمۈلۈشى نۆۋەتتىكى ھەقىقەتنى ياقلاش ھەمدە ئۇنى سۇندۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان تور كۈرىشىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى، دەپ قارالماقتىكەن.