ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز (Ted Cruz) ئامېرىكانىڭ ئستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىدىكى نېفىتنى خىتاي ۋە ئۇنىڭ شىركەتلىرىگە سېتىشنى توختىتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
«فوكس» خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرۇزنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش قانۇنى»نىڭ ئاۋام پالاتاسى نۇسخاسى يېقىندا 97 گە قارشى 331 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئاۋام پالاتادىكى 113 نەپەر دېموكراتچى ئەزانىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخاسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىنمۇ ئۈمىد زور ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن، نېفىت باھاسىدا شىددەت بىلەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن. بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ نېفىت زاپىسدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 30 مىليون باك ۋە 180 مىليون باك قويۇپ بېرىشنى ئېلان قىلغان. نەتىجىدە خىتاي كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا ئامېرىكانىڭ ئىككى مىليون باك نېفىتىنى سېتىۋالغان ئىكەن.
سېناتور تېد كرۇز باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى (U.S. Strategic Petroleum Reserve) ئامېرىكانىڭ جىددىي ئەھۋاللاردا يېتەرلىك نېفىت زاپىسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بىز ئامېرىكانىڭ ئېنېرگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇزنىڭ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئامېرىكانىڭ خام نېفىتىنى خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى ھەر قانداق شىركەتكە سېتىش ھەمدە خىتايغا ھەر قانداق خام نېفىت ئېكسپورت قىلىش چەكلىنىدىكەن.