ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىكى ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىسى ئىلگىرىلەش ياسىدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

1996-يىلى ئامېرىكا-ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان فۇتېنما بازىسىنى تاقاشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، بازىنى يۆتكەش مەسىلىسى يۆتكەيدىغان جاي چىقماي ھەل بولماي تۇرۇپ قالغان ئىدى.

بۇ قېتىم مەزكۇر مەسىلىدە ئوكىناۋا دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، شىنزو ئابې ئۈچۈنمۇ بىر سىياسىي نەتىجىدە ھېسابلانسا، 20 يىلدىن بېرى ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر تېما بولۇپ كەلگەن بازا مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىدىكى ئىلگىرىلەش، شىنزو ئابې ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ھىروكازۇ ناكائىما بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن كۆرۈلگەن.

سابىق باش مىنىستىر يۇكىئو ھاتوياما ئامېرىكا بازىسىنى ئوكىناۋادىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى سەل يىرىكلەشكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى بارغانچە كېڭەيتىشى ياپونىيەنى ئامېرىكىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوكىناۋا ۋە يوكۇسۇكا قاتارلىق ئارال ۋە رايونلارغا جايلاشتۇرۇلغان.