ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاينىڭ ياساش سانائىتى ۋە ئالاھىدە كومپيۇتېرىغا كېرەكلىك ھالقىلىق ئۆزەكلەرنى تەمىنلىمەسلىك ئۈچۈن بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئامېرىكانىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ يەرلىك ئۆزەك ياساش سانائىتىمۇ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن ۋە ئىلغار ئۆزەك بىلەن ماڭىدىغان تېخنىكا ساھەلىرى قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.
ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي خەۋەر تورى بولغان CNBC نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتى بولغان ئۆزەك تېلېفوندىن تارتىپ توڭلاتقۇ، ماشىنا ۋە ھەربىي قوراللارغىچە، بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىلارنىڭ يادروسى. ئۇنى ياساش نۆۋەتتە رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھالقىلىق تېخنىكا بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ساھەدە خىتاينى قاتتىق چەكلەش قارارى ئالغان؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزەك لايىھەلەيدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە كۈچلۈك ئىلھام ۋە ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىلغار مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
ئامېرىكا گەرچە ئۆزەك لايىھەلەشتە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۆزەك ياساش سانائىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تەيۋەن بىلەن كورىيەگە تارتتۇرۇپ قويغان. ئەمما ئۆزەكنىڭ ئىلغارلىقىنى ئۇنىڭ لايىھىسى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۆزى لايىھەلىگەن ھەر قانداق يېڭى ئۆزەكنى خىتايغا بەرمەسلىك قارارى ئالغان. خىتاي بۇ ئۆزەكلەرگە ئېرىشەلمىسە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۇنى لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا نۇرغۇن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن، ھەتتا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىكەن.
