ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ پاكىستانغا بېرىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى ھەربىي ياردەمنى توختاتقاندىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا يۈز تۇتقانلىقى مەلۇم.
پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇق» مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. بۇنىڭ بىلەن خىتايغا چۈشكەن بېسىممۇ ئېشىپ بارغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىدا 18-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان لى خوڭمېي ئىمزاسىدىكى ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە دۇنياسىدىكى تەسىرى تۈپەيلىدىن پاكىستان خەلقئارادا يېتىم قالماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چەكلەش تەدبىرى پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىدە بولۇۋاتقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن پاكىستاننىڭ «ئارقا تىرىكى» بولۇۋاتقان خىتاي پاكىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ «پاكىستاننىڭ بىردىنلا ‹گەدەنگىچە› قەرزگە بوغۇلۇشىنى كۆپ قىسىم پاكىستانلىقلار خىتايدىن كۆرمەكتە،» دەيدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى يەنە بىر ياقتىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا شۇنىڭدەك ئافغانىستاننىڭ بۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ زور قالايمىقانچىلىققا مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. بۇ بولسا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاينىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناۋادا خىتاي مۇشۇ يوسۇندا ئامېرىكا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان پاكىستاننى زور كۈچ بىلەن قوللاۋەرسە، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئوبرازىغا داغ چۈشىدىكەن. ئەكسىچە خىتاي خەلقئارا ئېقىمغا ئەگىشىپ پاكىستاننى ئەيىبلىسە ئۇ ھالدا «قوشنىسىغا ساتقۇنلۇق قىلغان» دېگەن نامنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.