ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتايدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2013.05.24
22-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان «خىتايدىكى يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» دا، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بوران رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ سۆزىدە «ئەگەر ئامېرىكىلىقلار، ئۆزلىرى ھەم ياخشى كۆرىدىغان ئەرمەك ھايۋانلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلسە، ئۇلار چوقۇم چۆچۈيدۇ. بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان بېلىقلارنىڭ 80% ئى، ئالما شەربىتىنىڭ 50% ئى ۋە سامساقنىڭ 30% ئى خىتايدىن كىرگەن. ھالبۇكى، خىتايدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان يېمەكلىك شىركەتلىرىنىڭ 74 ئى خىتاي شىركەتلىرى»دېگەن.
يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يەر شارى سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، خۇاڭ يەنجۇڭ سۆز قىلىپ «ئەگەر خىتايدا ئىشلەنگەن سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگىلا تەھدىت ئېلىپ كەلمەستىن، بەلكى پۈتكۈل يەر شارى ئاھالىسىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن. خۇاڭ يەنجۇڭ بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى خىتايدا سارىس كېسىلى تارقالغان مەزگىلدىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە كېلىپ ئىسپات بەرگەن ئىدى.