ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق 4 دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا قارشى بەزى ئورتاق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى 4 دۆلەت بۇ يىل بايانات ئېلان قىلىش، دېڭىزدا خىتايغا رەقىب دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش، ئىختىلاپتىكى دېڭىز يوللىرىدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە بىۋاسىتە خىرىس قىلىشنىڭ ئورنىغا يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، يۇقىرىقى 4 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا مانىلادا كۆرۈشكەندە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قاتناش ئەركىنلىكىنى قانداق قوغداشنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە يەنە يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي ھەرىكىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقى، «بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشى خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەدبىرى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراق سودىسىغا مەسئۇل دىپلوماتى، باش ئەلچى تىنا كايدانوف شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى قورال-ياراق سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ سۆزنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ھاۋا كۆرگەزمىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن. كايدانوف سۆزىدە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ «F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئوخشاش قوراللارنى سېتىلىۋېلىشىغا بارلىق ئاماللار بىلەن رىغبەتلەندۈرىمىز»، دېگەن. خىتاي كۆلىمى 5.3 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇق بارلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللارغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ شۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارا ئەركىن دېڭىز قاتنىشىغا خىرىس پەيدا قىلغان ئىدى.