ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن NPR رادىيوسى يەنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىيوسىنىڭ 23- دېكابىردىكى «1A» رادىيو پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ پروگراممىغا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئاستىن رەمزىي، ئامېرىكادىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقىي مۇناسىۋەتلەر مۇدىرى لۇئىسا گىرىۋ قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.
پروگرامما رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى دۇنياغا «مەكتەپ» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئاشكارىلىنىۋاتقان پاكىتلاردا بۇ ئورۇنلاردا قېيىن - قىستاق، ئۆلۈم ۋە باشقا زۇلۇم ۋاستىلىرى بارلىقىنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاندىن رىياسەتچى سالىھ خۇدايارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» باش مىنىستىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، دەپ تونۇشتۇرىدۇ. رىياسەتچى يەنە چەتئەللەردىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايدىكى «شىنجاڭ» رايونىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
مەزكۇر پروگراممىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان يۇقىرىقى كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949- يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن سىياسەتلىرى، ھازىرقى لاگېر تۈزۈمى، خىتاينىڭ بۇ زالىم سىياستىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ھەم شۇنداقلا يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ مەخپى ھۆججەتلىرى قاتارلىق نوقتىلاردىن تۇرۇپ شەرھىلىدى.
پروگرامما رىياسەتچىسى يەنە بۇ پروگراممىغا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن بىر جاۋاپ كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.