ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ 60 نەپەر دىپلوماتىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى

ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 60 نەپەر دىپلوماتىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پرېزدېنت ترامپ ئەنگىلىيەدە پاناھلىنىۋاتقان بىر سابىق رۇسىيە جاسۇسىنى زەھەرلەش ۋەقەسىدە رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىغا دائىر كۈچلىك گۇمانلار سەۋەبلىك بۇ قارارنى ئالغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەڭ گېرمانىيە، فرانسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ياۋروپادىكى 14 دۆلەتمۇ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغداپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىلىيەدە پاناھلىنىۋاتقان سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سكىرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزىنى زەھەرلەش ۋەقەسىنى رۇسىيەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، « 4‏-مارت كۈنى سالىسبۇرىدا رۇسىيە ھەربى ئىشلاردا قوللىنىدىغان نەرۋى ۋىروسىنى ئىشلىتىپ، بىر ئەنگىلىيە پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى،» دەپ كۆرسەتكەن. باياناتتا يەنە «بۇ ھۇجۇم بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئەنگىلىيەدە سانسىزلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزدى،» دىيىلگەن. 4‏-مارت ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرىي بازىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە سېرگېي سكرىپال، ئۇنىڭ قىزى ۋە بىر نەپەر ساقچى ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھۇجۇمنىڭ «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان قورقۇنچلۇق بۇزغۇنچىلىق،» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. لېكىن رۇسىيە ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدە قولى بارلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزدېنتىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوف، ھەر قايسىي دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ۋە ئەھۋالغا قاراپ قەدەم باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ 60 نەپەر دىپلوماتىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى
ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 60 نەپەر دىپلوماتىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پرېزدېنت ترامپ ئەنگىلىيەدە پاناھلىنىۋاتقان بىر سابىق رۇسىيە جاسۇسىنى زەھەرلەش ۋەقەسىدە رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىغا دائىر كۈچلىك گۇمانلار سەۋەبلىك بۇ قارارنى ئالغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەڭ گېرمانىيە، فرانسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ياۋروپادىكى 14 دۆلەتمۇ رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغداپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئەنگىلىيەدە پاناھلىنىۋاتقان سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سكىرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزىنى زەھەرلەش ۋەقەسىنى رۇسىيەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، « 4‏-مارت كۈنى سالىسبۇرىدا رۇسىيە ھەربى ئىشلاردا قوللىنىدىغان نەرۋى ۋىروسىنى ئىشلىتىپ، بىر ئەنگىلىيە پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى،» دەپ كۆرسەتكەن. باياناتتا يەنە «بۇ ھۇجۇم بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز ئەنگىلىيەدە سانسىزلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزدى،» دىيىلگەن. 4‏-مارت ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرىي بازىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە سېرگېي سكرىپال، ئۇنىڭ قىزى ۋە بىر نەپەر ساقچى ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بۇ ھۇجۇمنىڭ «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان قورقۇنچلۇق بۇزغۇنچىلىق،» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. لېكىن رۇسىيە ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدە قولى بارلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزدېنتىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوف، ھەر قايسىي دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى ۋە ئەھۋالغا قاراپ قەدەم باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.