ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 28-سېنتەبىر كۈنى X (بۇرۇنقى تىۋېتتېر) قا ئىنكاس يوللاپ، ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تۈرلىرىنى تەشكىللەشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان. بۇ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋەيران قىلىشتا ساياھەت پىروگراممىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتىغا قايتۇرغان تۇنجى ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، غەرب ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ساياھەت تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان» سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى قوللاش خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىنكاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ساياھەت شىركەتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا پىلانلىغان بارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى، جۈملىدىن مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلەرنى ئاقلايدىغان بارلىق ساياھەتلەرگە خاتىمە بېرىشى كېرەك. » مەزكۇر ئىنكاستا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نورمال سودا پائالىيىتى قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق» دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىنكاسى خىتاينىڭ «ئالتۇن ساياھەت پەسلى» باشلانغان، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشكىللىشىدىكى ساياھەت تۈرلىرىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى رايوننىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ 2019-يىلدىكى سېلىنمىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل يازدا قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، قەشقەردە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قاينايدىغانلىقى، لېكىن بۇ ۋىلايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت قىلىشى چەكلىنىدىغان ئېلانلارنى كۆرگەنلىكى، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاينىڭ «چوكانتال بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە يول قويۇلغانلىقىغا ئائىت ئېلانلارنى چېلىقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.