ئامېرىكا پيوڭياڭنىڭ تەھدىتىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.03.30

ئامېرىكا پيوياڭنىڭ بۇ تەھدىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە تەھدىتلەردىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى كەيتلىن ھيدېن مۇنداق دېدى: بىز شىمالىي كورىيەنىڭ پايدىسىز باياناتىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بىز بۇ تەھدىتلەرگە ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلىمىز ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن يېقىن ئالاقىمىزنى ساقلايمىز.

ئاقساراينىڭ ياردەمچى باياناتچىسى جون ئېرنېست شەنبە كۈنى شىمالىي كورىيەنىڭ تىنچلىق يولى ئېنىق ئىكەنلىكى، ئۇ بولسىمۇ؛ ئۇرۇش خۇمار رىتورىك خىتابلىرىنى توختىتىش ۋە يادرو قۇرۇلۇشىغا خاتىمە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى يادۇر ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە B - 2 تىپلىق رادارغا كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن ئىككىنى جەنۇبىي كورىيىگە ئەۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.