خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى رېكورت ياراتقان
2025.01.27
دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە قايتا ئولتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى گېئو-سىياسى ئىختىلاپ تېخىمۇ كۈچىيىپ، خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سانى رېكورت ياراتقان. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جەھەتتىكى بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى چېكىنىپ چىقىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سانى رېكورت ياراتقان. خىتايدىكى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقات دوكلاتىدا، 2024-يىلى راي سىناشقا قاتناشقان 30 پىرسەنت شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ياكى كۆچۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدىن كۆچۈشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى كۆچۈۋاتقان شىركەتلەر ئۆتكەن يىلى 2020-يىلقىدىن ئىككى ھەسسە ئارتقان.
خەۋەردە، سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ، خىتايدىن كۆچۈش يۈزلىنىشىنىڭ ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى، «كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە مەبلەغ سېلىشى ئارتىدۇ، دېيىشكە ھېچقانداق بىر سەۋەب يوق» دەپ قارايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «مالىيە ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەيلى ئامېرىكا شىركەتلىرى بولسۇن ياكى خىتاي شىركەتلىرى بولسۇن، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سىياسىتىگە قانداق ماسلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، سودا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىغا كوۋىد-19 ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن، تەمىنلەش زەنجىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كىرىشىشىمۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى چىقىپ كېتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە سانائەت، تەرەققىيات، تەتقىقات ۋە تېخنولوگىيە شىركەتلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە، بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ 41 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ 38 پىرسەنتىنىڭ ئاسىيادىكى خىتايدىن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كۆچۈشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى كۆچۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئانالىزچىلار، بۇ يۈزلىنىشنىڭ كاساتلىشىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.