خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا شىركىتىدىن تيەنئەنمېن ۋەقەسى رەسىملىرىنى سېتىۋېلىشى ئەندشە قوزغىدى

«تەسەۋۋۇر» ناملىق بىر خىتاي شىركىتى يېقىندا بىل گەيتىسنىڭ كوربىس ناملىق رەسىم ئامبىرى شىركىتىدىن 5000 دانە رەسىم سېتىۋالغان.

سېتىۋېلىنغان رەسىملەر ئىچىدە 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئائىت رەسىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۈگۈن ب ب س غا بايانات بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچلار ھەرىكىتىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەت بىلەن ۋاڭ دەن، مەزكۇر رەسىملەرنىڭ سېتىۋېلىنىشىنى «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭەيگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى» دېدى.

بۇلار يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى ھەر خىل يوللار بىلەن توسۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئائىت رەسىملەرنىڭ تارىخقا ۋە ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتىنى رەسىملەرنىڭ دۇنيادا تارقىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلماسلىققا چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلىۋىزىيەسىگە بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن كوربىس شىركىتى مەزكۇر رەسىملەرنىڭ خىتاينىڭ تەسەۋۋۇر شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ قولىدا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر سودىنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات چەكلىمىسىگە ۋاسىتە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.