بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «GGV Capital»، «GSR Ventures»، «Walden International» ۋە «Qualcomm Ventures» قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئىدراك ۋە كىۋانت تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئالغان.

كومىتېتنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سالغان بۇ خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان شىركەتلەر ئىكەن. ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشى دېگەنلىك، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن زامانىۋىلىشىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى تارتىۋېلىش تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ دېيىشىچە، بۇ كومىتېت نۆۋەتتە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئويناۋاتقان رولىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشنى نامايان قىلىدىكەن.

ھازىر يەنە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكىنىڭ مۇداپىئە سىياسىتى قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۈشمەن دۆلەتلەردىكى بەزى شىركەتلەرگە سالغان مەبلىغىنى مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بايدىن ھۆكۈمىتى بولسا بىر قىسىم ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىمۇ مەمۇرىي بۇيرۇق چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتىكەن.