ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر سودا كۆرسەتمىسىنىڭ قوشۇمچىسىنى ئېلان قىلدى

26-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئەمگەك مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدىكى سودا كۆرسەتمىسى» گە قوشۇمچە قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە شىنجاڭ رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، شۇنىڭدەك كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قوشۇمچە مەزمۇنلار تۈزۈپ چىقىلدى» دېيىلگەن.

«قوشۇمچە» دە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرلۈك سودا يوللىرى ئارقىلىق خىتاي بىلەن سودا قىلماقچى بولغان شىركەتلەرنىڭ مۇشۇ كۆرسەتمىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىش، سودا ئىشلىرىدا تېگىشلىك تەكشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىش، شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە ئىش كۆرۈش تەۋسىيە قىلىنغان.

مەزكۇر «قوشۇمچە» دە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى خىتاي ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ بىر قوللۇق ھىمايە قىلىش ۋە تەشكىللەش ھادىسىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، «شىنجاڭدىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلماقچى ياكى ئۇلارغا مەبلەغ سالماقچى بولغانلار، بانكا ۋە مالىيە ئورگانلىرى ئۈچۈنمۇ بۇ قوللانما ئورتاقتۇر» دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ، ب د ت ئېلان قىلغان سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى كۆرسەتمىلەرنىڭمۇ بىردەك بۇ خىل قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر «كۆرسەتمە» نىڭ تولۇق تېكىستى تورغا قويۇلغان بولۇپ، ئەرەبچە، خىتايچە ۋە رۇسچە قاتارلىق ئالتە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. گەرچە بۇ «كۆرسەتمە» مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا قىلىنىدىغان قانۇن ماددىلىرى بولمىسىمۇ، سودا ساھەسىگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر بىلەن سودا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچى ئەڭ نوپۇزلۇق مەلۇمات ھېسابلىنىدىكەن.