ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا-ئىقتىساد خەۋەر قانىلى بولغان CNBC تورىنىڭ 29-ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raymondo) بېيجىڭدىن شاڭخەيگە بارىدىغان تېز پويىزدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتاينى مەبلەغ سالغىلى بولمايدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە توختىماي جەرىمانە قويىدىغانلىقى، توساتتىن بېسىپ كىرىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جىنا رايموندو مۇنداق دېگەن: «مەن ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ ‹خىتاي ھازىر مەبلەغ سېلىشقا ماس كەلمەيدىغان دۆلەت، چۈنكى ئۇنىڭ خەتىرى چوڭ› دېگەنلىرىنى بارغانسېرى كۆپ ئاڭلاۋاتىمەن. شۇڭا بۇ كارخانىلار پۇرسەت ئىزدەپ باشقا دۆلەتلەرگە، باشقا جايلارغا يۈزلىنىۋاتىدۇ» .
جىنا رايموندونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مىكرو ئۆزەك (چىپ) ياسايدىغان ئامېرىكا شىركىتى مىكرون (Micron) تېخنولوگىيەسى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھېچ سەۋەبسىزلا چەكلەپ قويغان؛ شۇنداقلا بۇ شىركەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇنىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان.
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر ئامېرىكا «فوكس خەۋەرلىرى» قانىلىدا جىنا رايموندونىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «جىنا رايموندو خانىم خىتاي خاككېرلىرى ئۇنىڭ ئېلخەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خىتايغا باردى. نېمىشقا ئۇ بىر نەرسىسى ئوغرىلانغاندىن كېيىن ئۇنى ئىزدەشكە بارىدۇ؟ بۇ پەقەت ‹زادى نېمەڭنى خىتايغا ئاشكارىلاپ قويدۇڭ؟ › دەپ سوراش مەسىلىسى ئەمەس. نېمىشقا بىزنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىمىز خىتايغا بارسا يالغان سۆزلەيدۇ؟ مەيلى بىلىنكېن، جون كەررى، ياكى جېنىت يېلىن بولسۇن، ھەممىسى خىتايدىن قۇرۇق قول يېنىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى» .
28-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جىنا رايموند خىتاي تەرەپ بىلەن «سودا ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن ھەمدە سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە خىتايدىن «ئايرىلىش» نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.