ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا قاراتقان سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ياساپ، ئۇلارغا ئوق ئۆتمەس كىيىم، ئوق ئۆتمەس ھەربىي ئاپتوموبىل قاتارلىق ھەربىي ئەشيالىرىنى بېرىشكە تۇتۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپ يەنە قوزغىلاڭچىلىرىغا ھەربىي تەلىم تەربىيە جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھالبۇكى، ئوباما ھۆكۈمىتى تۈرلۈك خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى تۈپەيلى سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا قورال-ياراغ ياردەم قىلمايدىكەن.
بۇ ئىشتىن خەۋەردار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى قارار تېخى ماقۇللانمىغان بولۇپ، بۇ قارار مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
سۈرىيىدە ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 70 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكا بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئەسەدنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە كۆپ قېتىم چاقىرغان بولسىمۇ، قوزغىلاڭچىلارغا بىۋاسىتە ياردەم بەرمىگەن ئىدى.