تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىغان

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 29-مارت كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

«ۋول-سىترىت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەي يىڭۋېننىڭ زىيارىتى غەيرى-رەسمىي زىيارەت بولۇپ، ئۇ بۇ زىيارىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن. بىراق ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى تەيۋەنگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

سەي يىڭۋېن نيۇ-يوركتا ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن، كېلەر ھەپتە ئامېرىكانىڭ لوس-ئانژېلىس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى كېۋىن ماككارتى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

29-مارت كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ بۇ زىيارەتنى ئەيىبلەپ: «بۇ سەپەر ئادەتتىكى زىيارەت ئەمەس، ئۇ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان بۆلگۈنچىلەرنى قوللاپ كەلدى» دېگەن.

شۇ كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەن سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئەگەر سەي يىڭۋېن ماككارتى بىلەن ئۇچراشسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان، بىراق ئۇ بۇ ئاقىۋەتنىڭ نېمىلىكىنى دېمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سەي يىڭۋېننىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى، ئۇنىڭ 2019-يىلىدىكى زىيارىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق غەيرىي-رەسمىي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ لوس-ئانژېلىسقا بېرىشتىن ئاۋۋال تەيۋەن بىلەن رەسمىي دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان 13 دۆلەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئامېرىكادىكى ئىككى دۆلەت-گۋاتېمالا ۋە بېلىزدە توختاپ ئۆتىدىكەن.