ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى كرىس ماگنۇس، ئامېرىكانىڭ بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكلىنىشى كۆرۈنەرلىك ياخشى باشلىنىش بولغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شىركەتلەرنىڭ بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كرىست ماگنۇس: «ئىجرائات جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلار بولىدۇ. بىراق، مېنىڭچە بىز كۆرۈنەرلىك ياخشى بىر باشلىنىش قىلدۇق، دەپ قارايمەن» دېگەن.
كرىست ماگنۇس بۇ سۆزلەرنى 21-ئۆكتەبىر كۈنى «بلۇمبېرېگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان ۋە ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا پرېزىدنېت بايدېن تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بۇ قانۇن، ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا شەكىللاندۈرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، كرىست ماگنۇس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاخىرىقى ھېسابتا بۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇنى خالاش-خالىماسلىقىغا باغلىق. بۇ مەسىلىدە خەلقنىڭ چۈشەنچىسى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى… خەلق مەجبۇرىى ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى ئىستەيدۇ.»
كرىست ماگنۇس بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا «كۆرۈنەرلىك ياخشى باشلىنىش بولغانلىقى»نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ سودا سانلىق مەلۇماتىدا تېخىمۇ ئوچۇق -ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 40 تەك تەشكىلات كرىست ماگنۇسقا خەت يېزىپ، سودا پاراخوتلىرىدىكى ماللارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىش «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.