ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنىرگيە تاختىسى يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان
2022.11.14
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بېرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا دېڭىز پورتلىرىدا قىممىتى نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى يوللانمىلىرىنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 21-ئىيۇن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلاپ، 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا 1053 قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان. بۇ ماللارنىڭ ھازىرغىچە بىرىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن، شۇنداقلا مەزكۇر ئورگان سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇنلارغا ئاساسەن، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ سانىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار 3 سانائەت تەشكىلاتى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچىرىدا، تۇتۇپ قېلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى، پولىسىلىكون باتارىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ھەممىسى بىر گىگاۋات توك كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سانائەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارنى خىتاينىڭ لوڭجى يېشىل ئېنىرگىيە تېخنىكىسى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، تيەنخې قۇياش نۇرى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، جىنكې ئېنىرگىيە شىركىتى ئىشلەپچىقارغا ئىكەن. ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات مەركىزى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ جىنكې ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 9-ئايغىچە قىممىتى 516 مىليون 300 مىڭ دوللار كېلىدىغان 1700 دەك يوللانمىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرى بۇنىڭ قانچىلىكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان ئىدى.