ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) ئېلان قىلغان ئاخباراتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىدارە 3-ئاينىڭ 14-كۈنى «مەجبۇرىي ئەمگەك تېخنىكا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان.
ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يەرمەنكىدە نۇقتىلىق ھالدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىشقا دائىر سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارلىرى كۆزنىكىنى تونۇشتۇرىدىكەن.
مەزكۇر ئىقتىدار كۆزنىكىدە بىر-بىرىگە ماسلاشقان قوراللار (ئىقتىدارلار) مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خېرىدارلار ئۆزى تاللىغان لوگو ياكى سۈرەتنى چېكىش ئارقىلىق، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ قېلىنغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تاپالايدىكەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ خادىمى ئۆتكەن بىر يىلدا مۇتلەق كۆپ كارخانىلارنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا رىئايە قىلغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«مەجبۇرىي ئەمگەك تېخنىكا يەرمەنكىسى» گە كارخانا، ئاممىۋى ئورۇن ۋە ھۆكۈمەتتىن بولۇپ 400 دىن كۆپ كىشى قاتنىشىدىكەن. شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئامېرىكادىن كەلگەن ھەر خىل كەسىپ ۋە سانائەت ئىگىلىرى 19 مەيدان لېكسىيە بېرىدىكەن؛ يەرمەنكىگە قاتناشقۇچىلار بۇ مۇنبەر ئارقىلىق خەلقئارا سودا، مال باشقۇرۇش، مال توشۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چېگرادىن ئۆتكۈزمەسلىككە دائىر يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەيدىكەن.