ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا دائىر يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرى ئۇيغۇر تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، ئۇنىڭغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدىن ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. «ئېكېئولوگىيەلىك توقۇمىچىلىق خەۋەرلىرى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا تاموژناسى يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ تۇتۇپ قالغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىۋاسىتە خىتايدىن ئەمەس، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.
ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى يېقىندا 2022-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان. يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان ياكى گۇمان قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئەڭ كۆپ مالايسىيادىن، ئۇنىڭدىن قالسا ۋىيېتنامدىن كىرمەكتە ئىكەن. ئامېرىكانىڭ تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدا، خىتايدىن بىۋاسىتە كىرگەن بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدار جەھەتتىن 3-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، تايلاند ۋە مېكسىكانىڭ 4- ۋە 5-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئىستىراتېگىيەسىگە دائىر مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا تاموژناسى بۇ قانۇنغا ئاساسەن دەسلەپكى بىر يىلدا قىممىتى بىر مىليارد 300 مىليون دوللارلىق 4000 دىن ئارتۇق يوللانمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىككى خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي 1-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بۇ، ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.