ئامېرىكا تاموژنىسى ھىندىستان كۈنتاختىلىرىنى خىتايدىكى قۇل ئەمگىكى سەۋەبىدىن  تەكشۈرىدىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.28

ئامېرىكا تاموژنىسى نۆۋەتتە خىتايدىن چىقىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتايدىن باشقا ئۈچىنچى دۆلەتنىمۇ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 27-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 10 ئايدىن بېرى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ھىندىستاندىن كىرگەن 43 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تۇتۇپ قالغان. بۇ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

گەرچە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆزلىرى تۇتۇپ قالغان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قايسى تۈردىكى مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە، ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىپ كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلار بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ كەسىپنى ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، ئىشلەپچىقىرىش جاپاسى ئېغىر بولغان، مۇھىت ۋە تەن ساغلاملىقىنى بۇزىدىغان ئىش مۇھىتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2018-يىلغىچە ئامېرىكا تېخى ھىندىستاندىن ھېچقانداق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلمىغان ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندىستان كۈنتاختىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى بىراقلا ئۆرلەپ، ئۆتكەن يىل 2 مىليارد 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى كۈنتاختا ئامېرىكا بازىرىغا كىرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان خىتاي، ئۆزىنىڭ ماللىرىنى ياكى خام ماتېرىياللىرىنى ھىندىستان، مالايسىيا، تايلاند قاتارلىق ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئەمما ھىندىستانمۇ خىتاي شىركەتلىرى مال چىقىرالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كۈنتاختا ماللىرىنى ئەمەس، ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىغا ئۆز ماركىسىنى چاپلاپ ئامېرىكاغا كىرگۈزگەن.   ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى دەسلەپكى يىللاردا ھىندىستاننىڭ خىتايدىن كەلگەن ماتېرىيالنى ئىشلەتكەن  ئوبدان بايقىماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمدى ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشقا باشلىغان. ئەگەر ھىندىستان كۈنتاختىلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولسا، ئامېرىكا تاموژنىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە ئۇلارنى يۈز پىرسەنت تۇتۇپ قالىدىكەن.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.