ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) 2022-يىلى ئىيۇندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنغاندىن باشلاپ 2023-يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە ئۆزلىرى مۇسادىرە قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىدار، دەپ گۇمان قىلغان تاۋارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇلارنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن باياناتتا ئېيتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن ھەرقانداق تاۋارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشى لازىملىقىنى قانۇن جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرغان. ئۇلارمۇ دەل مۇشۇ مەجبۇرىيەت تۈپەيلىدىن ئالدىنقى يىلىدىن باشلاپ بۇ ساھەدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەمدە 2300 قېتىمدىن كۆپرەك مال يوللانمىسىنى مۇسادىرە قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن تاۋار يوللانمىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن كېلىدىكەن.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىغا مال سېلىشتا ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت مالايسىيا، ئاندىن قالسا ۋىيېتنام ئىكەن. خىتاي بۇ جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئۇلار يوللىغان تاۋارلارنىڭ قىممىتى 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ھالبۇكى، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەپ، بۇ جايدا ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن غەرب بازىرىغا ئېكسپورت قىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتكەن تاۋارلار ئىچىدە ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملار، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەڭ كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ كومىسسارلىرىدىن ئېرىك چوي (Eric Choy) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بىز تەكشۈرىدىغان تاۋارلارنىڭ مىقدارى خىزمەت قابىلىيىتىمىزدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەممىلا تاۋارنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمىز» دېگەنىدى.