ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى تەيۋەنگە بىر مىليارد 400 مىليون دوللارلىق قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېزىر نېئۇرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قورال سېتىش قارارىنى ئۇقتۇرغان.
نېئۇرت، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ، تەيۋەننىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىشىغا بولغان قوللىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەنگە سېتىپ بېرىلىدىغان قوراللار تورپېدو، ئالدىنئالا سىگنال بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئەسۋابلار، ئانتى-رادىئاكتىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بىراق، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇ كاڭ، ئامېرىكىنىڭ قارارى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لۇ كاڭ جۈمە كۈنى «ھېچكىم بىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزدىن قايتۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن. ئامېرىكىنىڭ قارارى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن «سەمىمىي مىننەتدار» بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىش قارارى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭغا يېتىپ بارغان كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەندە توختاپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى.