خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكا تەسىراتى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىدا نارازىلىق قوزغىدى

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى ياڭ شۇپىڭ يەكشەنبە كۈنى مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ساپ ھاۋاسىنى ماختىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسمىدا نارازىلىق قوزغىغان.

ياڭ شۇپىڭ سۆزىدە: «مەن ئامېرىكىغا قەدەم بېسىپ تۇنجى نەپەس ئالغان چېغىمدا، ئېغىزىمدىكى ماسكىنى ئېلىپ تاشلىدىم، چۈنكى ھاۋا ناھايىتى ساپ ۋە ئاجايىپ يېقىملىق ئىدى» دېگەن. ئۇ يەنە «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكمۇ ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ساپ ھاۋادۇر» دېگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ياڭ شۇپىڭنىڭ يۇرتى كۇنمىڭغا مۇخبىر ئەۋەتىپ، كۇنمىڭنىڭ تەبىئىي ھاۋاسىنىڭ ياڭ شۇپىڭ ئىشارەتلىگەندەك ئۇنداق ناچار ئەمەسلىكىنى دەلىللەشكە ئۇرۇنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تۋىتتىر ھېسابىدىكى بۇ توغرىلىق نەق مەيدان خەۋىرىدە، كۇنمىڭدا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ماسكا تاقاپ يۈرمەيدىغانلىقىنى، پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا ماسكا تاقايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ياڭ شۇپىڭ سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ۋاقتىدا تاقاپ يۈرىدىغان بەش دانە ماسكىسىنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياڭ شۇپىڭنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىم سۆزى تورغا چىققاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتاي تور ئەزالىرى ياڭ شۇپىڭنىڭ ئامېرىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، خىتايغا ھاقارەت قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. شىكايەتچىلەر ياڭ شۇپىڭنىڭ تەبىئىي ھاۋا ھەققىدە دېگەنلىرىگە چىڭ ئېسىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھاۋا ھەققىدە دېگەنلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.