ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەندە توختىتىشىغا يول قويۇش قانۇنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەندە توختاپ ئۆتۈشىگە يول قويۇشنى قارار قىلغان.

28‏-ئىيۇن ماقۇللانغان قانۇندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننىڭ گاۋشيوڭ ۋە باشقا مۇۋاپىق دېڭىز پورتلىرىدا توختاپ ئۆتۈشى ۋە ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ تەيۋەندە توختاپ ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن.

ئامېرىكا «ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدىكى زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ «بىر خىتاي» ۋەدىسىدىن يانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارى دەرھال خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق تەيۋەننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنال» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ، «بىز تەيۋەنگە ئالاقىدار بۇ قانۇندىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.... تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئالاقىدار مەسىلە» دېگەن.

بىراق تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چۈەن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىدا «تەيۋەن-ئامېرىكا ھەربىي ئالاقىسىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز ۋە ئۇنىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن.

«ۋال سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپ ئىمزا قويسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ 1979‏-يىلى تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى «بىر خىتاي» نىڭ بىردىن-بىر ھۆكۈمىتى، دەپ ئېتىراپ قىلغان 40 يىللىق دىپلوماتىك سىياسىتىدىكى زور ئۆزگىرىش بولىدىكەن.