ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن ھەربىي زىيارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى خىتاينى بىئارام قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك بىر يېڭى قانۇنغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن خىتاي دەرھال بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانچىسى لۈ كاڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

يېقىندا خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى سۆز قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن ئارىلىغا يېقىنلاشسا، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇش قوزغاپ تەيۋەننى بېسىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنىمۇ جىددىيلەشكەن. دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى تەيۋەن ئارىلى ئۈستىدە چارلاش ۋە ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلغان. بىراق تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «تەيۋەن ئۆزىنىڭ مۇداپىئە كۈچىگە ئىشىنىدۇ. بىز خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ ھەربىي مەشىقىگە تېز سۈرئەتتە جاۋاب قايتۇرىمىز،» دېگەن.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدىغان 2018-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قارارى» ناملىق بىر قانۇنغا ئىمزا قويغان. خىتاي باياناتچىسى لۈ كاڭ، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» نى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا رەسمىي يوللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئامېرىكا-تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەلىرى ئارىسىدا بۇنداق بىر زىيارەت ئەمەلىيلەشسە، بۇ 1979-يىلىدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە بولۇپ قالىدىكەن.