ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق ساتماقچى بولغانلىقى خىتاينى نارازى قىلغان


بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بىر مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ خىل قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. 16 - دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەزمۇندا بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق باھانە - سەۋەب ئارقىلىق تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى قورال - ياراق ياكى ھەربىي تېخنىكا سودىسى قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى داۋىد مكېبي بۇنىڭغا جاۋابەن، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل تۈردە «بىر خىتاي سىياسىتى» بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، جەمئىي 12 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سودىسى كېلىشىمىنىڭ تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن قارشىلىشىشىنى ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ رايون بىخەتەرلىكى ھەمدە مۇداپىئە ئېھتىياجىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ، ئامېرىكا 2011 - يىلى تەيۋەنگە 5.9 مىليارد دوللارلىق قورال ياراق سېتىپ بەرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق قورال سودىسى ئىكەن.