ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى كېلەر ھەپتە بىر قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش سىنىقى ئېلىپ بارىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، سىناق كېلەر سەيشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سىناق كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان ۋاندەنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان كۋاجالېين ئاتول ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تەقلىد قىلىنغان مودېل بومبا كۋاجالېين ئاتول ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئامېرىكىغا قارىتىپ ئېتىلغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى بومبىلارنى پاچاقلىغۇچى بومبا كالىفورنىيە ۋاندەنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىكەن.
ئەگەر سىناق پىلان بويىچە ماڭسا پاچاقلىغۇچى بومبا ئامېرىكىغا قاراپ ئېتىلغان بومبىنى تىنچ ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدا توسۇپ پاچاقلاپ تاشلايدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى كرىستوفېر جونسون قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان بومبىنىڭ ئەسلى بومبىغا قارىغاندا تېزرەك ئۇچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كرىستوفېر جونسون تەقلىدىي بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بومبىلىرىغا تەقلىد قىلىنمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر بومبا قالقان سىستېمىسى سىنىقىنىڭ شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى بارغانچە ئىلغارلاشتۇرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى دىققەت قوزغىغان.
شىمالىي كورېيە بۇ ئاي ئىچىدىلا ئىككى قېتىم ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.
سىناقنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى بۇ بومبىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگۈدەك يىراققا بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇ ھەپتە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لېيتېنانت گېنېرال ۋىنسېنت ستېۋارت تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە كىم جۇڭئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىدا غەلىبە قازىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدىن، ھاۋاي ئارىلىغىچە بولغان 36 ئورۇندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش ئەسلىھەلىرى بار ئىكەن.
ئامېرىكا 1999-يىلىدىن بۇيان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇپ پاچاقلايدىغان قالقان سىستېمىلىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى 2014-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.