ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.08.10

 ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، پىرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە يەنى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ياپونىيە ۋە كورېيە دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشى بۇنىڭ يارقىن ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا پىرېزىدېنت جوۋ بايدىن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) ۋە كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول (Yoon Suk Yeol) بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ پېنسىيەگە چىققان لېيتېنانتى سام مۇندى ئىمزاسىدا «ھەربىي ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى شېرىك ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ قايسى دەرىجىدە مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا نۆۋەتتە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق تورى» نى قايتىدىن كۈچەيتىشمۇ مۇھىم تاللاشلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ھال ئامېرىكانىڭ بۇ ھەمكارلىق تورى ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي، پەن-تېخنىكا ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.