ئامېرىكىغا تور ھۇجۇملىرىدىن كېلىۋاتقان تەھدىت زورايماقتا

ئامېرىكا دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئەڭ زور خەۋپنىڭ ئىنتېرنېت تور ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھەرقايسى بۇزغۇنچى تەشكىلاتلار، تور جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي شېركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر سېستىمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ۋە شۇنداقلا خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان ۋە بۇ تەھدىت بارغانچە زورايماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا بۇ دوكلاتىدا، خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنى ئىنتېرنېت تور خەۋپى كېلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

دوكلاتتا تور ھۇجۇملىرىدىن كېلىدىغان خەۋپنىڭ تېررورلۇقتىنمۇ چوڭلىقى تەكىتلەنگەن.