پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن خەۋىرى بارلىقى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. 15‏-ئىيۇل تۈرك ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم گۇرۇپپىلار ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ مەغلۇپ بولغان، ۋەقەدە 300 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئارمىيە ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان گۈلەنچىلەرنىڭ قوزغىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يېتەكچىسى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق نۇرچىلار جامائىتى رەھبىرى فەتقۇللاھ گۈلەن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يەنە رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن خەۋىرى بارلىقى ھەققىدىكى ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىدىن باشقا ھەرقانداق خەۋەر «پۈتۈنلەي خاتا» دېگەن.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ بۇنى پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن بۇ ھەپتە تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا ئېيتقان. ئوباما يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى رەسمىيىتى بارلىقىنى، ئەگەر تۈركىيە گۈلەننى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىستىسە، ئۇنىڭ دەلىل كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.