ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مالىيە ھەمكارلىقى دىققەت قوزغىماقتا

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىگە بېرىدىغان ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرلەردە خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى داڭلىق تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدىغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئارىلاشقان تەتقىقات تۈرلىرى مۇتلەق كۆپى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلغىچە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنى مەغلۇپ قىلىش تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان تەتقىقات ھەمكارلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلار يالغۇز سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. ئامېرىكانىڭ يېل، خارۋارد قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمۇ شۇنداق مەكتەپلەر تىزىملىكىدە بار ئىكەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى نۇرغۇن خىتاي ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تەتقىقات ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكانىڭ ئەڭ زور فېدىراتسىيە مەبلىغىگە ئېرىشكەن 9-ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەن. 2022-يىللىق مالىيە يىلىدا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلىك سەھىيە ئىنستىتۇتىدىن 591 مىليون دوللار، دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندىدىن (نسف) دىن 30 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەبلەغلىرىگە ئەڭ كۆپ ئېرىشىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىككى تەرەپلىك بىرلەشمە داۋالاش-تەربىيەلەش پروگراممىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، خارۋاردنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ ھەمكارلىقى خىتاينىڭ سەھىيە تەتقىقاتلىرىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خەۋەردە، ئامېرىكالىق باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پۇلى بەدىلىگە كېلىۋاتقان بۇ تەتقىقات ياردەم فوندلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئادەم يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.