ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلماقچى



ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئاچماقچى.

يىغىن 29- ماي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تەۋە رايبۇرن خىزمەت بىناسىدا ئېچىلىدۇ.

يىغىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «بۇلغانغان مۇقەددەس ھوقۇقلار: خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق دوكلات ئاساسىدا ئېچىلىدۇ.

يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن باشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر سۆزلەيدۇ.

يىغىندا ئاساسلىقى نۆۋەتتە بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى 3- ماي ئېلان قىلغان «بۇلغانغان مۇقەددەس ھوقۇقلار: خىتاينىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىكى» ناملىق دوكلاتىدا، 2005- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ بارغانچە چېكىنگەنلىكى، بۇنىڭ 2009- يىلدىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.