ئامېرىكادىكى «مەنبە ژۇرنىلى» ناملىق توردا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا نىشاننى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشىگە قارىتىشى چاقىرىق قىلىنغان. «يېشىل ئامېرىكا» تەشكىلاتىنىڭ ئادىل ئەمگەك ھوقۇقى دىرېكتورى شارلوت تېيت قەلەمگە ئالغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى 3-يىلغا قەدەم قويغان بىر پەيتتە، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى شىركەتلەرنى ئېنىقلىشى ۋە چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىشى بەك مۇھىم ئىكەن. بۇ چاقىرىق ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئاي مابەينىدە، 29 خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ ئارقىسىدىن ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش تىزىملىكىنى خىتاينىڭ بېلىقچىلىق ۋە ئاليۇمىن ساھەسىگە كېڭەيتىپ، «شىنجاڭ شىنخۇ كۆمۈرچىلىك ۋە ئېلېكتىر شىركىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىتاي شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. لېكىن شارلوت تېيتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئېنىقلاشتا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن. شارلوت تېيت، «يېقىنقى تەتقىقاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رايون سىرتىغا مەجبۇرىي يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2023-يىلى ‹شىنجاڭنىڭ ئۆلكە ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش› نامىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىكەنلىكى» نى بايقىغانلىقى، بۇ مەزگىلدە (ئۇيغۇر) ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا يۆتكەشنىڭ 38 پىرسەنت ئارتىپ، 2010-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ھەرقانداق ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.