ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلمەكچى

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 5‏-مارت كۈنى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىناسىدا كەچ سائەت 5:00 تىن 8:00 گە قەدەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە تاماق، كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا يەنە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» مەسىلىسىمۇ تونۇشتۇرۇلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ پائالىيەت ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە 3‏-قېتىم ئۆتكۈزگەن مەدەنىيەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى شۇنداقلا ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنغان.