ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە (Global Criminal Justice) مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى بەت ۋان شاك (Beth Van Schaack) ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئادالەت ۋە جاۋابكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى ئۈستىدە بەرگەن مەخسۇس دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.
ۋان شاك خانىم 29-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىشخانىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئازايتىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرنى تىلغا ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش مۇمكىن بولمايۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا كۆپ تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىيە ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى ئۈچۈن ئادالەت يولى يارىتىش زور خىرىسقا تولغان. بىراق بۇ، بىزنىڭ ھەرىكەت قىلمىغانلىقىمىز ياكى سۈكۈت قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. ئالدى بىلەن بىز بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ كەلدۇق. بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› تۇر.»
ۋانشاك خانىم سۆزىدە دۇنيانىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھۆججەتلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، گەرچە ھازىر بۇ ۋەھشىيلىكنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەققانىيەت يولى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىنكاس قوزغاشتا مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى دېگەن.
ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى «يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى قارا تىزىملىككە ئېلىش، ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، ئېكسپورت كونتروللۇقى ۋە ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى ھەم بۇنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئامېرىكا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا زۇلۇم قاچان ئاياغلاشقۇچە بۇنداق جازالاش تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.