خىتاينىڭ ئومۇمىي دۆلەت كۈچى جەھەتتە يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى، بۇ ئەسىرنىڭ خىتاي ئەسىرى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ھەتتا كېلەر ئەسىرگىچە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغانلىقىنى ئىلمىي شەرھلىگەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىلدا ياراتقان ئىقتىسادىي مۆجىزىسى ھالىدىن كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا چۆكىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەن نەزەرىيىچى كلايد پرېستۋىتز بۇ قارىشىدىن ۋاز كەچتى ۋە خىتاي ھەرقانداق مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللانغان تەقدىرىمدىمۇ ئامېرىكىغا ھەرگىز يېتىشەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، دېيىشكە باشلىدى.
يېقىندىن بۇيان بەزى ئاخباراتلاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يەنە نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يېتىشىۋالىدىغانلىقى، خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئامېرىكا خام چوتىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى.
ھالبۇكى تېلېگراف گېزىتىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 15.7 تىرىليون بولغان، خىتاينىڭ 8 تىرىليون بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى يەنە نەچچە يىللارغىچە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بانكا سىستېمىسى قەرز بىلەن ئامانەت نىسبىتىنى ئىجابىي يۆلىنىشكە بۇرىغان مەزگىلدە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قەرز بېرىش نىسبىتى ئامانەت نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭ كىرسىز كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، خىتايدا كەلگۈسى ئون يىلدا 140 مىليون ئەمگەك كۈچى كەملىك قىلىدىكەن. خىتاي ئېكولوگىيىسىدىكى ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق خىتاي ئىقتىسادىي ماتورىنى ھالسىرىتىدىكەن.
خەۋەردە يۇقىرى ئامىللارنىڭ ھەممىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىلمەيدىغانلىقى بۇ ئەسىرنىڭ يەنىلا ئامېرىكىغا مەنسۇپ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.